ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە غەلىبە قىلىشتا، «دەل» ۋە «ئەمەلىي» بولۇشقا تايىنىش كېرەك

2020-05-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ قىلىش كېرەك، ئاچقۇچ − دەل، ئەمەلىي بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى سۆزدە.

− شى جىنپىڭ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، ئۆتكۈر نىجات، سۈن يۈن، لۈ يىخەن

نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسى تاماملىنىشقا يېقىنلاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈرئىتى مۆلچەردىكىگە ئۇيغۇن. لېكىن قېپقالغانلارنىڭ ھەممىسى نامراتنىڭ نامرىتى، قىيىننىڭ قىيىنى بولۇپ، يېڭىش ئەڭ قىيىن قاتتىق قىيىنچىلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى تاماملاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇ يىل بەش ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى تېخىمۇ مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، دىققەتنى «دەل» ۋە «ئەمەلىي» بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە بىرىنچى سەپكە قاراش −

«دىققەت خاس ئەۋزەل كەسىپلەرگە دەل جايىدا مەركەزلەشتۈرۈلدى»

5 - ئايدا ئەتىياز ئاخىرلىشىپ ياز باشلىنىپ ھەممە مەۋجۇدات جانلاندى. پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسى ئاياغ يېڭىمەھەللە كەنتىنىڭ ئېتىز باشلىرىدا پەيزاۋات قوغۇنى مايسىلىرى تازا يوپۇرماق چىقىرىپ قۇياش نۇرىنى سۈمۈرۈپ، راسا پەلەك تارتقانىدى؛ شىنمېي دەرەخلىرى بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، پۇرچاقتەك يۇمران مېۋىلەر ياپيېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغانىدى. بۇ، ئۈمىدكە تولغان بىر پارچە ئېتىزلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈمىدى باغلانغانىدى.

«نامراتلارنى يۆلەش نىشانى دەل بېكىتىلمىسە، ئەمەلىي ئىشلەنمىسە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىن ئاياغ يېڭىمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى مىرئادىلجان تۇرسۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: پەيزاۋات قوغۇنى، شىنمېينى تاللاپ ئۆستۈرۈش تۇپراقنىڭ سۈپىتى، سېتىۋېلىش كاپالىتى، ئەشيا ئوبوروتى - تىرانسپورت، ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى تەتقىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇپ چىقىرىلغان لايىھە.

بىرنەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئاياغ يېڭىمەھەللە كەنتىدە نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى 2014 - يىلىدىكى %32.1تىن 2019 - يىلىدىكى %7.7كە چۈشتى. «بۇ جەرياندا، يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش - ئەلالاشتۇرۇش، دىققەتنى خاس ئەۋزەل كەسىپلەرگە دەل جايىدا مەركەزلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا <تۇراقلاشتۇرغۇچ>لۇق رول ئوينىدى» دېدى مىرئادىلجان.

«پۇل» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يانچۇقىغا كىرسە، ئاندىن تۇرمۇشىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەلەيدۇ. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش تاماملىنىدىغان يىل، ئاياغ يېڭىمەھەللە كەنتى خاس باغ - ئورمانچىلىقتا مەھسۇلات، تەمىنلەش، سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بەرپا قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلدى. «بىز <دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى+ باشلامچى كارخانا> ئەندىزىسى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىرتۇتاش سېتىۋېلىپ، سېتىپ، ئىنچىكە پىششىقلاپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق ھەم سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەرگە ھاۋالە قىلىپ بازارغا تىرەك بولۇپ سېتىۋېلىپ ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نامرات ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەرنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشى ئۈچۈن <بىخەتەرلىك كىلاپانى>نى چىڭىتتۇق» دېدى مىرئادىلجان.

ۋەكىل، ئەزالار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈستىدە توختالدى −

«ئادەمگە، ئائىلىگە قاراپ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىش»

«دەل جايىدا بولغان كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئەمەلىي بولغان كەسىپ تەرەققىيات تەدبىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاساس.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رۇقىيەم مەتسەيدى مۇنداق بىلدۈردى: مەن خىزمەت قىلىۋاتقان، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كېرىيە ناھىيەسىنى مىسالغا ئالساق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «بىر ناھىيەدە بىر ئالاھىدىلىك بولۇش، بىر يېزىدا بىر كەسىپ بولۇش، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» تەپەككۇر يولى بويىچە، قىزىلگۈل، توشقانزەدىكى، ئۈزۈم، غاز، كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويى قاتارلىق خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

رۇقىيەم مەتسەيدى مۇنداق قارىدى: ھازىر، ھەرقايسى جايلار كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە ئاساسىي جەھەتتىن كۆلەم شەكىللەندۈردى، قانچىكى مۇشۇنداق بولغانسېرى، شۇنچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. ھەربىر نامرات ئائىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئادەمگە، ئائىلىگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ «زاكاز شەكىل»دىكى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«ئۆز خاسلىقىغا ئىگە كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىش»

«نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھەرقايسى جايلارنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى <دەل> <ئەمەلىي> بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشتۇر.» شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دېڭ خۇڭ مۇنداق قارىدى: كەسىپ تەرەققىياتىدا يالغۇز ئېلىشىشقا بولمايدۇ، ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئۆز خاسلىقىغا ئىگە كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، ئالدى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچە رايونى، خاس كىچىك بازار، يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەشكەن بىرلەشمە گەۋدە قۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

دېڭ خۇڭ مۇنداق قارىدى: پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىشتا، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ياكى ئۆزى بەرپا قىلىش، ياكى شەرق - غەربنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق بايلىقلاردىن پايدىلىنىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپلىرىنىڭ ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەم شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولغىلى، ھەم شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى رايونلار بازىرىدا سېتىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى مەن قىلالايمەن −

«پەن - تېخنىكا بىر تال <ئالتۇن ئۇرۇق>»

ئاياغ يېڭىمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى توختى سابىرنىڭ تېرىلغۇ يېرى ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىلا ئىدى، ھەر كۈنى ئۆيىگە كىرىپ - چىققۇچە، ئېتىزىغا قاراپ قويۇشمۇ خۇشياقمايتتى. بىر قانچە مو يەردىكى بۇغداي، كېۋەزدىن بىر يىلدا چىققان ھوسۇلنى ھېچقانچە پۇلغا ساتالمايتتى.

پەيزاۋات قوغۇنى بىلەن شىنمېيدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تونۇش ھەم ناتونۇش ئىقتىسادىي زىرائەت «ئىلگىرى - كېيىن» بولۇپ بۇ كەنتكە كەلگەندە، ئۇ ئېرەن قىلىپ كەتمىگەنىدى. «ئوخشاش يەر، ئوخشاش ئادەم، زىرائەتنى ئالماشتۇرۇپ تېرىشنىڭ ئوخشىمايدىغان نەرى بولسۇن.» ئۇ دەسلەپتە شۇنداق قارىغانىدى.

مۇشۇنداق «ئادەتلىنىپ قالغان تەپەككۇر» بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخنىكا كەمچىل، پەرۋىش قىلىش كەمچىل بولغانلىقتىن، توختى سورتنى ئۆزگەرتىپ پەيزاۋات قوغۇنى تېرىغان ۋە شىنمېي ئۆستۈرگەندىن كېيىنمۇ پايدىسى يەنىلا ناھايىتى ئاز بولدى، باشقا دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئانچە پەرقلەنمىدى. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پەيزاۋات ناھىيەسى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، تېرىقچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇردى؛ تېرىقچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى، تېخنىكلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى.

«پەن - تېخنىكا بىر تال <ئالتۇن ئۇرۇق>.» بۇلتۇر 7 - ئايدا، توختى قوغۇندىن مول ھوسۇل ئالدى. شۇ كەنتتىكى ئىلمىي تېرىقچىلىق، ئۆلچەملىك پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان كۆپ قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھوسۇلى يامان ئەمەس بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، توختى ۋە يۇرتداشلار ئىشى بولمىسىلا ئېتىزلىققا بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشى باغلانغان بۇ تۇپراققا ئىخلاس بىلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى. ئىش قىلىش، دەم ئېلىش ئارىلىقىدا، ئۇلار دائىم ئۇ بىر ئېغىزدىن، بۇ بىر ئېغىزدىن گەپ قىلىپ ھوسۇلنى ھېسابلاپ، نەچچە ئون مىڭ يۈەن يېزا ئىگىلىك كىرىمىنى ئويلىغىنىدا، ۋۇجۇدى پۈتمەس - تۈگىمەس غەيرەتكە تولاتتى.