شىنجاڭ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە كۈچ قوشتى

2020-06-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ئاينۇر) ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش ئۈچۈن، شىنجاڭ بۇ يىلدىن بۇيان كۆپ تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلى، بۇلۇت تەكلىپ قىلىش قاتارلىق سىياسەت «پايدىسى» ئارقىلىق ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئەڭ يېڭى ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 89 مىڭ 300 نەپەر بولۇپ، ئاپتونوم رايون مەخسۇس سىياسەت چىقىرىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن تۈرلۈك كارخانىلار ئەمەلىي تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ يىغىندىسى بويىچە مۇناسىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدىكەن، مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ باجنى كېمەيتىش - ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش پىلانى»نى يولغا قويدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئىگىلىك تىكلىگەن جايدا 150 مىڭ يۈەندىن ئاشمىغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شىنجاڭ يەنە سىياسەت ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى زامانىۋى تېرىقچىلىق، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى قاتارلىق يېزىلاردىكى يېڭى گۈللەنگەن ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەيدۇ، رىغبەتلەندۈرىدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پايدىسىز تەسىرىگە قارىتا، شىنجاڭ كۆپ مەيدان توردا «بۇلۇت تەكلىپ قىلىش» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى دەل جايىدا يەتكۈزۈش، قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تۈزىتىش ۋە يۈزتۇرا ئىمتىھان ماھارىتى بىلەن تەمىنلەش، كېلىشىم ئىمزالاش قاتارلىق «بۇلۇت مۇلازىمىتى» بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ 341 قېتىم تور مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنى تەشكىللىگەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى 7333 ئورۇن توردا تەكلىپ قىلىشقا قاتناشقان، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر تور ئارقىلىق 23 مىڭغا يېقىن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلىش پىلانى، «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» پىلانى، 10 مىڭ ياش پىراكتىكا پىلانى ۋە ياشلار ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئاتلىنىش پىلانىنى سىجىل يولغا قويۇپ، بىر قاتار يۆلەش سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە كۈچ قوشىدۇ.