شىنجاڭدىكى ئالتە جاي 2020 - يىللىق يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازار قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

2020-06-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «2020 - يىللىق يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازار قۇرۇلۇشى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 259 بازار(يېزا)نىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازار قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشىنى تەستىقلىغان. شىنجاڭدىكى ئالتە جاي تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن، بۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ غولتوغراق بازىرى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ يىتىملىقۇم يېزىسى، قورغاس ناھىيەسىنىڭ سەندىخوزا يېزىسى ۋە بىڭتۇەن 4 - شىسىنىڭ 68 - تۇەنى.

بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازار بەرپا قىلىشقا ئىلتىماس قىلىشتا، مۇھىم نۇقتىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ. تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن يېزا - بازارلار يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى بازار(يېزا)لاردىكى بىردىن ئىككىگىچە يېزا ئىگىلىك يېتەكچى كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى، تولۇق قىممەت زەنجىرىنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش، پىششىقلاش، ماركىتېڭ قاتارلىق ئەسلىھە - جابدۇقلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېتەكچى كەسىپ گەۋدىلەنگەن، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەر چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش جانلانغان، كەسىپ بىلەن كەنت، كەسىپ بىلەن شەھەر بىر گەۋدىلەشكەن يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازار بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنتلەردىكى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مەركەز مالىيەسى مۇكاپات ياردەم تولۇقلىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلۇشى نىشانىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئېچىشتىكى سوغۇق ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش، پىششىقلاش، ماركىتېڭ قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى نۇقتىلىق قوللاپ، يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ چوڭ بولۇشتىن كۈچلۈك بولۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن. ھەرقايسى جايلارنى بەلگىلىمە بويىچە باشقا مەبلەغلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازار قۇرۇلۇشىنى مەركەزلىك قوللاشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مالىيە مەبلىغىنىڭ يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنى يېزا بايلىقىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازارلارغا تېخىمۇ كۆپ سېلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدىكەن.