دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى مىقدارى %26.88 ئاشتى

2020-06-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىزياۋ گاڭ، رېن جياڭخەۋەر قىلىدۇ: ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ساياھەت ئىستاتىستىكا چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ۋە ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىللىق دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 4 مىليون 876 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.88 ئاشقان؛ 3 مىليارد 485 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، پويىزنىڭ گۈدۈك ئاۋازىغا ئەگىشىپ، 2374 ساياھەتچى دۇەنۋۇلۇق قىسقا دەم ئېلىش ساياھەت ئەندىزىسىنى باشلىدى، شۇ كۈنى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچىدىن قومۇل، ئالتاي، غۇلجا قاتارلىق يۆنىلىشلەرگە ماڭىدىغان بەش ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا سالدى.

دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، مەزمۇنى مول، خاسلىقى روشەن بولغان بىريۈرۈش مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى.

پىيادە مېڭىش تەنھەرىكىتى، تاش رەسىم ئويۇش، DIY ناشتىلىقى، يۇلتۇزلۇق دالىدا قونۇش... نارات مەنزىرە رايونى يولغا قويغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. زۇڭزا يېيىش، ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرۈش، ئەجدىھا قولۋاق ھەيدەش مۇسابىقىسى... جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان نومۇرلارغا ئايلاندى. كەچتە رەڭلىك چىراغلار ئەمدىلا يېقىلىشى بىلەن، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچى خوتەن كەچلىك بازىرىغا كېلىپ داكا قىلىپ، بۇ يەردە ئۆزگىچىلىككە ئىگە قېتىق زۇڭزىسى، تاۋۇز كەپتەر شورپىسى، ئۆزگىچىلىككە ئىگە قوقاس تۇخۇم قاتارلىق مەززىلىك تائاملارنى تېتىدى، كەچلىك بازاردا بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇرغان توۋلىغان ئاۋازلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ خۇشال كۈلكە سادالىرى گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، بىر مەيدان قالتىس ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى يېڭىسار ناھىيەسىدىكى شىمالىي كۆلدە باشلاندى. ئالتە ۋەكىللەر كوماندىسى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، بىر - بىرى بىلەن بەسلەشتى، ساياھەتچىلەر قىرغاقتا مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلارغا چۇقان سېلىپ مەدەت بەردى، مەيدان ئىنتايىن قىزىپ كەتكەنىدى.

دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار 180 نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنى يولغا قويدى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان تۈرلۈك دۇەنۋۇلۇق مىللىي ئۆرپ - ئادەت پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى، مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش ساياھىتى، يېزا - كەنت ساياھىتى قاتارلىقلارمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ كەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.