ئاپتونوم رايوننىڭ «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتى باشلاندى

2020-06-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 6 - ئاي 19 - قېتىملىق مەملىكەتلىك «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى»، باش تېمىسى «ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش». مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتى توردىكىنى ئاساس قىلىش، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

«بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە بولۇپ، تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك نۇقتىلىق پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى يۈرۈشلۈك تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ توردا «بىخەتەرلىك تەشۋىقات مەسلىھەت بېرىش كۈنى» پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈش؛ بىخەتەرلىك تەشۋىقاتىدىكى «بەشنى كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەنئەنىۋى خاس پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش.

تەشۋىقات ئاساسىي تېمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆككەن، ئاممىغا يېقىن، جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن، شەكلى كۆپ خىل بىر قاتار بىخەتەرلىك تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيەتلىرى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ. جەمئىيەتتىكى ئامما پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلغان «نەق مەيداندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش»، «ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنى»، بىخەتەرلىكنى ھېس قىلىش سارىيى 360 تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللىنىدۇ، دوۋيىن سۇپىسىدا «مەن بىخەتەرلىكنى ئېنىق چۈشىنىمەن» تېمىسىدا مىكرو سىن شەكلىدە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا ئاسانلا سەل قارىلىدىغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى كۆرسىتىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار كۆزنەك تور بېكىتى، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتى مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن، قانۇن - نىزاملار، بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. كۆزنەك، كۆرگەزمە تاختىسى، تەشۋىقات تاختىسى ئارقىلىق، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلار، ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ۋە خىزمەت ئىش ئورۇنلىرىدا ساقلىنىۋاتقان خەتەرلىك ئامىللار، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ھەم ھادىسىلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئەسكەرتىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە زور كۈچ بىلەن «بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىدىغان، ھاياتلىققا كۆڭۈل بۆلىدىغان» قويۇق كەيپىيات بەرپا قىلىنىدۇ.

6 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى «بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى بويىچە مەسلىھەت بېرىش كۈنى» پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتىنى ئاساسىي يىغىن مەيدانى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلارنى شۆبە يىغىن مەيدانى قىلىپ، سىنلىق ئۇلىنىش، مەيدان ئارىلاپ پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىلغان، تور بىلەن تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى بويىچە مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنى يېڭى تاراتقۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، توردا بۇلۇت سۆھبىتى، باش تېمىلىق زىيارەت، نەق مەيدان ئۇلىنىشى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن، قانۇن - نىزام ۋە سىياسەت تەدبىرلەرنى چۈشەندۈرۈپ، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئولتۇراق رايون قاتارلىقلار ئوت ئۆچۈرۈش، تارقاقلاشتۇرۇش مانېۋىرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىنىدۇ.