يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2020-06-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىزجاۋ جىيۈنخەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. خىرىسقا دادىل يۈزلىنىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى باشتىن - ئاخىر خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش، قانات يايدۇرۇش، ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ دائىمىي كومىتېتنىڭ بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى تاماملاش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمىتى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بۇ يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى نىزام چىقىرىش، نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە، يۇقىرى ئۈنۈمدە ياخشى ئىشلەپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى بىلەن ئۆزئارا باغلىنىشلىق، ئۆزئارا يانداش بولغان يەرلىك نىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى بەلگىلىمىلەر ۋە پىرىنسىپلار بىلەن بىردەك بولمىغان يەرلىك نىزاملارنى چىڭ تۇتۇپ ئېنىقلاپ، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىك تۈزۈم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بۇ يىللىق نازارەتچىلىك خىزمىتى پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەر بىلەن، ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتىيە گۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن مۇتەللىپ قاسىم، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا قاتناشتى.