2035 - يىلى مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2020-06-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«شىنجاڭ مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش 2035» ۋە «شىنجاڭ مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2018 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە)» چىقىرىلدى

2035 - يىلى مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا «شىنجاڭ مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش 2035» ۋە «شىنجاڭ مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2018 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە)» چىقىرىلغان، ئىككى ھۆججەتتە كەلگۈسى بىلەن ھازىر بىرلەشتۈرۈلگەن، ھەرقايسىسىنىڭ ئىش تەقسىماتى ۋە مۇھىم تەرىپى بار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ 2035 - يىلى مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ۋە ھەرىكەت لايىھەسىنى ئورتاق شەكىللەندۈرگەن.

ھۆججەتتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2022 - يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭ ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ، مائارىپ ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرى ھەر مىللەت ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزىدۇ. 2035 - يىلىغا بارغاندا مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىنىدۇ.

ھۆججەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساس مائارىپى، كەسپىي مائارىپى، ئالىي مائارىپى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىسى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇش؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئالىي كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە تېخنىكا، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش؛ بىر تۈركۈم خاسلىقى بار، يۇقىرى سەۋىيەلىك داشۆلەرنى تۈرگە ئايرىپ قۇرۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئىلمىي تەتقىقات، جەمئىيەت مۇلازىمىتى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

«بۇ نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان ۋە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياخشى تەربىيە قوبۇل قىلىشىدىكى ئاساسىي نۇقتىسى.» ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ يۈگۇاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «شىنجاڭ مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش 2035»نىڭ كەڭ ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەڭ قويۇق بولغىنى 2035 - يىلى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرنىڭ نىسبىتى %95كە يەتكۈزۈلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، مائارىپ سىستېمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىنى قىلىش بىلەن بىللە، ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولۇشنى قاتلاملار بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق بۇ نىشاننىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇزاقتىن بۇيان چەكلەپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇللۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاساس شارائىتىنى ھازىرلىغان. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەسلى مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %97.51كە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95.51كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98.82كە، ئالىي مائارىپتا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %46.79كە يەتكەن. 2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت مائارىپ سېلىنمىسى 86 مىليارد 307 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 4 مىليارد 770 مىليون يۈەن ئاشقان.

بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مائارىپ سېلىنمىسى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك كۆزلىمە كۆرسەتكۈچلىرىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، ئەلا سۈپەتلىك، سىغدۇرۇشچان مائارىپ مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرىدۇ.