شىنجاڭدىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 6 مىليون توننىلىق كۆمۈر كېنىدا ئىش باشلاندى

2020-06-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى،ئۈرۈمچى، 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىردۇ گاڭ): 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، دۆلەت دەرىجىلىك شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 6 مىليون توننىلىق قۇدۇق سانائىتى كۆمۈر كېنىدا ئىش باشلاندى. شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ مۇھىم كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەسپلەرنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەلالاشتۇرۇلماقتا.

  بۇ كۆمۈر كان ياڭمېي گۇرۇھى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ۋۇسەيۋەن 1-نومۇرلۇق كان قۇدۇقى بولۇپ، شىنجاڭغا جايلاشقان كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۆمۈرلۈك رايونى، شۇنداقلا سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشىدىكى مۇھىم تۈر ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈرگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 5 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ، ئومۇمىي پىلاندا تەستىقلانغان يىللىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 15 مىليون توننا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-قارارلىق قۇرۇلۇش 36 ئايدىن 40 ئايغىچە، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 6 مىليون توننا.

  تۈر مەسئۇلى لو شۇخۇڭ شۇ كۈنى ئىش باشلاش مۇراسىمىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1-نومۇرلۇق كان قۇدۇقىنىڭ كۆمۈر سۈپىتى كۈل ۋە گۈڭگۈرت تەركىبى تۆۋەن، پارلىنىش تەركىبى يۇقىرى، ئىسسىقلىق چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى، ناترىي، كالىي تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ۋۇسەيۋەن كان رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا كەم ئۇچرايدىغان ئەلا سۈپەتلىك ئېلېكتىر كۈچى، خىمىيە سانائىتىگە ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر ھېسابلىنىدۇ.

  بۇلتۇردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ، سەنشى، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا قاتارلىق جايلارنىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى داۋاملىق ئاشتى. شىنجاڭدا بىر تۈركۈم يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 300 مىڭ توننىدىن تۆۋەن بولغان كۆمۈر كانلىرى چېكىنىپ، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇھىت ئاسرايدىغان چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئاشتى.

    شىنجاڭنىڭ مۆلچەرەن كۆمۈر بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى 2 تىرىليون 200 مىليارد توننىغا يېتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بەزى باشلامچى كارخانىلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئورۇنلىشىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر كەسىپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى ھەمدە كۆمۈر سانائىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.