ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 90- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

2020-06-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 90 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تاشقى مەبلەغدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، مۇلازىمەت سودىسى خەلقئارا سودىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھەگە ئايلاندى، مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىشنى راۋاجلاندۇرۇش كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئورۇنلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەلىپى بويىچە، مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىشنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش، سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىشنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يۇقىرى قاتلاملاشتۇرۇش، يۇغۇرمىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىشنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ، جەمئىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى رولىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتچىلىك كەسپىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئەلالىشىشى، سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈشكە يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش، چەت ئەل مەبلىغى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ھەر تەرەپلىمە ئېچىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.