يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2020-06-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 20 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىزياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 20 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەردە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا پورتى، نۇقتىلىق مەيدان - ئورۇن، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىش؛ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، باشلامچى كارخانىلار، مۇھىم، زور مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى چۆرىدەپ دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىش؛ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىستېمالنى قوزغىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى، ئېشىش قۇتۇبى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچەش كېرەك. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىش، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

بەشىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى پۇختا توقۇش كېرەك. كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى كۆزلەپ، ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەھەر - يېزا مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىي - ساغلام، يېشىل - مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، ئىستىلنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شۆھرەتپەرەسلىك قىلماي، ساختا ئىش قىلماي، نام - ئاتاق قوغلاشماي، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 20 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش، مەمۇرىي باشقۇرۇش، مەمۇرىي نازارەت قىلىشتىكى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى ھەق تەلەپ قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى بويىچە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمە، يېڭى ئۇقۇم، يېڭى روھنى ياخشى ئىزاھلاپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇشى، ئاممىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىشى، ئالغا سىلجىتىشى، ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، رىئايە قىلىشى، قوغدىشى، ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.