ئالاتاۋ پورتىدا ئېكسپورت قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى تالونى ئايدا 10 مىليون پارچىدىن ئاشتى

2020-06-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىزياڭ شۇخەن، چېن چياڭۋېي، جېڭ جوخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 17دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالاتاۋ پورتىدىكى تاموژنا خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ سىستېما كۇنۇپكىسىنى بېسىشىغا ئەگىشىپ، 500 مىڭ پارچە ئېكسپورت قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى مەلۇماتى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوبۇل قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن ئالاتاۋ پورتىدا 5 - ئايدا پەقەت 29 كۈندىلا يەككە ئايلىق ئېكسپورت قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى 10 مىليون پارچىدىن ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 10 مىليون 100 مىڭ پارچىغا، مال قىممىتى 32 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

ئالاتاۋ پورتى 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئېكسپورت چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش كەسپىنى قانات يايدۇردى، 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگە قەدەر، ئېكسپورت قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى جەمئىي 1 مىليون پارچىدىن ئاشتى. 5 - ئاي كىرگەندىن كېيىن، ئېكسپورت قىلىنىدىغان پوسۇلكىلارنىڭ سانى تېز ئېشىپ، ئالاتاۋ پورتىنىڭ ئېكسپورت چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش كەسپىدە ئۇچقاندەك ئېشىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى.

چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئالاتاۋ «ئالاتاۋ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا نۆۋەتچى پويىزى»نى تاموژنىغا مۇددەتتىن بۇرۇن مەلۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پورتنىڭ ئۇنىۋېرسال تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇھىتى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، تۆمۈريولدا توشۇيدىغان ۋە كونتېينېرلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلىشىپ توشۇيدىغان ئەشيا ئوبوروتى يولىغا تايىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى تەرەققىياتىنىڭ قارشى يۆنىلىشتە ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئالاتاۋ تاموژنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 2 - بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ياڭ ۋېيجياڭ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە پورتتا ئاساسلىق نۆۋەتچى پويىز لىنىيەلىرىدىن چاڭئەن ناملىق پويىز لىنىيەسى، چېڭدۇ - شىنجاڭ - ياۋروپا، چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا، جېڭجوۋ - شىنجاڭ - ياۋروپا، ۋۇخەن - شىنجاڭ - ياۋروپا قاتارلىق 12 لىنىيە بار. 5 - ئايدىن بۇيان، پورتقا كىرىپ چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ سانى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېشىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 قېتىمغا، يەككە كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 22 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن توققۇزدىن ئون قېتىمغىچە زور دەرىجىدە ئاشتى. بولۇپمۇ چېگرادىن كىرگەن - چىققان پوچتا بۇيۇملىرى تېز يوللانمىسى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تاموژنىدا يۆتكەپ توشۇش قاتارلىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا تايىنىپ قانات يايدۇرۇلغان يېڭى كەسىپلەرمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا».

ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پى لۈپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاتاۋ چېگرا پورتى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ئىچكى قىسىمغا ماس كەلگەنلىرىنى ئىچكى قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىرتقا ماس كەلگەنلىرىنى سىرتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ئىچى - سىرتىنى ئۆزئارا تولۇقلىما قىلغان ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتتىن جانلىق پايدىلىنىپ، باجدىن خالىي ئىمپورت - ئېكسپورت پىششىقلاش كەسىپلىرىنى توپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2 -، 3 - كەسىپلەر ھەمتۈرتكە بولغان، دۆلەت ئىچى - سىرتى ھەمتۈرتكە تەرەققىي قىلىدىغان سىياسەت رايونىنى شەكىللەندۈردى.

نۆۋەتتە، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ئالىبابا، ئامازون، خۇەنيۈ تۇڭدا، يەنۋېن، دۈنخاۋ قاتارلىق خەلقئارادىكى داڭلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى ماكانلاشتى، پورتنىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى ئاساسلىقى ئويۇنچۇق، ئۆي جاھازلىرى، كىيىم - كېچەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق تاۋارلار بولۇپ، ماللار تۆمۈريول تىرانسپورتى ئارقىلىق بېلگىيە، گېرمانىيەگە توشۇلىدۇ، ئاندىن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاموژنىسىغا چېگرادىن كىرگۈزۈشنى مەلۇم قىلىپ، شۇ جايدىكى پوچتا ياكى دۈنخاۋ تېز يوللانمىسى، UPS تېز يوللانمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق تەقسىملىنىدۇ.