ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 8 مىليارد 510 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزدى - ياردەم بەردى

2020-06-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى لىن خەۋەر قىلىدۇ: «ھازىر پۈتۈن ئائىلىمىزدىكى تۆت جان تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدۇق، بىزنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى» دېدى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقيار بازىرى تۆۋەنكى كۆچۈرمە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھۆرىگۈل ئابدۇكېرىم تېلېفوندا مۇخبىرغا.

ھۆرىگۈلنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس بولۇپ، بالىلىرىنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ئۇ ئاچقان تىككۈچىلىك دۇكىنىنىڭ تىجارەت سوممىسى تۆۋەنلەپ، كىرىمى ئازىيىپ، تۇرمۇشى بىردىنلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. كەنت دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى ياردەمچىسى ئائىلىلەرگە كىرىپ ھۆرىگۈل ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇلارغا تۆۋەن كاپالەت بېجىرىپ بەردى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز «كۈچلۈك، يادرولۇق» تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا چىقىرىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزدى. «بىز تۆۋەن كاپالەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش ئارقىلىق <يەككە نوپۇس>، <تەدرىجىي چېكىندۈرۈش مۇددىتى>، <ئالدىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش>، <باھا ياردەم تولۇقلىمىسى> قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ <بىخەتەرلىك تورى>نى يەنىمۇ زىچ توقۇپ، پۇختىلاپ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىرقەدەر ئاجىز بولغان ئالاھىدە كىشىلەر توپى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى يۇڭفېڭ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 8 مىليارد 510 مىليون يۈەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ، ئۇنى شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت، يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بېقىش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، سەرگەردان تىلەمچىلەرنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلەتكەن.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تۆۋەن كاپالەتنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ۋاقىتلىق تۆۋەن كاپالەت سىياسىتىنى تۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەربىر ئادەمگە ھەر ئايدا 450 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامالسىز قالغان، كىرىمى يوق، تۇرمۇش مەنبەسى يوق، ئاساسىي تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان شەھەر - بازارلاردىكى يەرلىك نوپۇستىكى ئائىلىلەرنى ۋاقتىدا ۋاقىتلىق تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، ۋاقىتلىق تۆۋەن كاپالەتنى يولغا قويۇپ، 37 مىڭ ئائىلىلىك 99 مىڭ ئادەم قېتىم قۇتقۇزۇپ - ياردەم بېرىپ، 44 مىليون 390 مىڭ يۈەن ۋاقىتلىق تۆۋەن كاپالەت مەبلىغى تارقىتىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى.

ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىلىرى)نىڭ ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش زاپاس فوندى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، بەلگىلىك دائىرىدە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى بىۋاسىتە يولغا قويۇش ھوقۇق چېكى بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئائىلىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىدا باسقۇچلۇق، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلار ساقلىنىپ، يەنىلا قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بارلار ياكى ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى ۋاقتىدا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. نۆۋەتتە، 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىم ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇپ، 230 مىليون يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەبلىغى (ماددىي بۇيۇمغا سۇندۇرۇلغانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تارقاتتى.

تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاش، ۋاقتىدا دوكلات قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق ئىشلىرى خەلققە قولاي مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قاراشقا ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئېھتىياجى بار تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، مېيىپلەر، بالىلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئۇلارنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، پىسخىكىسىغا ئەھمىيەت بېرىشنى ياخشى ئىشلەپ، كونكرېت قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىقلارغا قارىتا 22 مىڭ ئادەم قېتىم ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، پەرۋىش قىلىشنى يولغا قويغان.