ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 88- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

2020-06-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 88 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى يولغا قويۇشىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار قانۇنسىز سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، ياۋايى ھايۋانلارنى خالىغانچە يېيىشتەك ناچار ئادەتنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ) ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى»نىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش چارىسى (لايىھە)»نى تۈزۈش توغرىسىدىكى ئىزاھات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان قانۇن دەستۇرى نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى قانۇن. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى يولغا قويۇشنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئالغا سىلجىتىپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدە «قارار» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، «قارار» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى»نىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم، زور ئاممىۋى سەھىيە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش چارىسى (لايىھە)»دە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىش، دائىملىق باشقۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت ئەھۋالىنى خاتىرىلەش، ئىستاتىستىكا قىلىش، جەملەپ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ باشقۇرۇش ھەم مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە قارىتا بەلگىلىمە چىقىرىلدى، بۇ، نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق. مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى خىزمىتى مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلىرىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋاقتىدا ئىگىلىنىپ، مۇلازىمەت قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.