مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىلمىي، دەل جايىدا قانات يايدۇرۇش كېرەك

2020-07-31 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىلمىي، دەل جايىدا قانات يايدۇرۇش كېرەك

7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايوندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرىدىن ما مىڭخۇي، نى مىنجيەن، ۋاڭ شاۋخۇا، لۇ چېن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈي يەن قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت، يۈزلىنىش قانۇنىيىتى، ئۇسۇل - تەدبىر، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى پېڭشىن: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، كەسپىي كۈچلەرگە تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىلمىي، دەل جايىدا قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان تۆھپىسى ۋە تىرىشچانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دەپ كۆرسەتتى، ئۇ كۆپچىلىككە ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە رەھمەت ئېيتتى.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم تۇيۇقسىز تارقالدى، ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك، تارقىلىشى تېز، كېسەل پەيدا قىلىشى يوشۇرۇن بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ، تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىش، گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، كەسپىي كۈچلەرگە تايىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كەسپىي خادىملار ئاممىنى يېتەكلەش، كەسپىي ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئامما ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچىدىن بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى پايدىلىنىپ، ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق، پۇختا، ئىنچىكە ياخشى تۇتۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، ۋاڭ مىڭشەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.