پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 شەھەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى بىردەك كۆپەيدى

2020-08-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك كۆپىيىپ، ھاۋا سۈپىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشىلاندى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى»نى باشلىغان ئۈچىنچى يىل، شەھەرلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، PM2.5 قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى قاتتىق ۋەزىپە. ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، 14 شەھەر، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.7 پىرسەنت پوئېنت ۋە 4.1 پىرسەنت پوئېنت كۆپەيگەن؛ «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» «كۈيتۈن - مايتاغ - شىخو» نۇقتىلىق رايوندىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ PM2.5 قويۇقلۇقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.9 ۋە %8.9 تۆۋەنلىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى ئاتموسفېرا مۇھىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى شيۇڭ جيەنشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى كۆپىيىش بىلەن بىللە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇم - بورانلىق ھاۋا رايىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى، سىجىللىقى ۋە تەسىر كۆرسەتكەن شەھەرلەر سەل كۆپىيىپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا مۇھىت سۈپىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.

بۇ يىل 5 - ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز «ئۈرۈمچى - سانجى» رايونىدا ئىسسىنىش مەزگىلىدىن باشقا پەسىللەردىكى چاڭ - توزاننى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلارنىڭ «كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى» ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى بويىچە، ياز پەسىللىك ۋاقىت بۆلىكىدە VOC(پارلىنىشچان ئورگانىك بىرىكمە)نى باشقۇرۇش - كونترول قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ پولات - تۆمۈر، ئوت ئېلېكتىر، سېمونت قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، پولات - تۆمۈر سانائىتىدە بۇلغىمىنى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن قويۇپ بېرىش ھەم VOC، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كەسىپلەردە ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىپ ياساشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۈز، قىش پەسلىدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنى تۈزەشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى.