ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلىدى

2020-08-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن تارقالغاندىن كېيىن، يۇقۇم مەنبەسىنى ئۈزۈل - كېسىل توسۇش، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، مەھەللىلەردە يېپىق شەكىلدە باشقۇرۇش تەدبىرى قوللىنىلدى. 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى ھەرقايسى تارماقلاردىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قاتارلىقلارنى پائال تەشكىللەپ، تۇرمۇش مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

بۇ تۇرمۇش مۇلازىمەت كاپالىتى تەدبىرلىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئاھالىلەرنىڭ ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش، ئولتۇراق رايون ياكى بىنالارنى بىرلىك قىلىپ ۋىيشىن توپى قۇرۇش، مەھەللىدىكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار بىرىنچى ۋاقىتتا ئاھالىلەرنىڭ تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، ۋىيشىن توپىدىكى كۆكتات، مېۋە - چېۋە، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت ھەمدە دورا، بوۋاقلار بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيا ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىستاتىستىكا قىلىش، پىدائىيلارنى بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، تۈرگە ئايرىپ قاچىلاشقا ھەم ئۇچراشماسلىق شەكلى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بىر - بىرلەپ يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەشكىللەش؛ ئاھالىلەرنىڭ جىددىي ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ سۇ، توك، گاز كارتىلىرىغا قىممەت تولۇقلاش، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىش؛ ئاھالىلەرنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئولتۇراق رايون ۋىيشىن توپى، ئۆي ئىگىلىرى QQ توپى، تېلېفون قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار سىياسەت ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش، يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش، پىسخىكا ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاھالىلەرنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشىگە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىش.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر، ھەمدە ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ۋاقتىدا مېھىر - شەپقەت كۆكتاتلىرى، ياغ، گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى، ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى؛ ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، بالىلار ھەم سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، قان تازىلىتىشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەر قاتارلىق داۋالىنىش ئېھتىياجى بار ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتا، پۈتۈن كۈنلۈك دورا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، مەخسۇس كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىشقا ئاپىرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

شاڭ يۈلەن مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلىدىغان كىشىلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھەربىرىگە 500 يۈەن ئۆلچەم بويىچە قوي گۆشى، توخۇ گۆشى، تۇخۇم قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى، بارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تولۇق تارقىتىلىپ، 9223 ئائىلىدىكى 11 مىڭ 826 ئادەم نەپكە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش شەرتىدە، مۇنتىزىم بېكىتىلگەن قۇشخانىلار بىر تۈركۈم قوينى بىرتۇتاش سويۇپ، توردا زاكاز قىلىش شەكلى ئارقىلىق ساتتى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ھەرقايسى رايون (ناھىيە)، مەھەللىلەر ئائىلىلەرگىچە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەردى.