ئالدىنقى يەتتە ئايدا تۆمۈريولدا پاختا توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80 ئاشتى

2020-08-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونىمىز خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش يولىنى راۋانلاشتۇردى

ئالدىنقى يەتتە ئايدا تۆمۈريولدا پاختا توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80 ئاشتى

 مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھەرقايسى جايلارنىڭ پاختىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش يولىنى راۋانلاشتۇرغان، 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە جەمئىي 2 مىليون 676 مىڭ 900 توننا پاختا توشۇغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %83.18 ئاشقان.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك توشۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: پاختا مۇداپىئە كىيىمى، پاختا شارچىسى، پىلتىگۈچ قاتارلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دەسلەپكى خام ماتېرىيالى، يۇقۇم مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلاردىكى توقۇمىچىلىق، سەھىيە، داۋالاشقا ئالاقىدار كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، زور تۈركۈمدىكى پاختىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ، سۈپىتى ئەلا، زاپاس مال يېتەرلىك بولغان شىنجاڭ پاختىسى ھەرقايسى جايلاردىكى كارخانىلارنىڭ سېتىۋېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى.

بازار ئۆزگىرىشى ئالدىدا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى توشۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەمىنلەشنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، توشۇش كۈچى، توشۇش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقتىلىق مايىللىشىپ، پاختا توشۇش سالمىقىنى زورايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاختا ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، خېرىدارلارنىڭ توشۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە ھەمكارلىشىپ، قىسقا ئارىلىققا توشۇش ئاپتوموبىللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، قىسمەن قاچىلاش - چۈشۈرۈش خادىملىرىنى كارخانىدا تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، توشۇش مۇلازىمەت زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاختا توشۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى.

جەنۇبىي شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق كېۋەز تېرىلىدىغان رايون، قەشقەر يۈك توشۇش مەركىزى پاختا بازىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، چوڭ خېرىدارلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئۈچىنچى تەرەپ ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، كاسات پەسىل، ئاۋات پەسىلدە ئۆزئارا كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، تۆمۈريولنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى قىسقا ئارىلىققا توشۇش ھالقىسىنى قىسقارتتى ۋە تەننەرخنى تۆۋەنلەتتى.

«2 - ئايدىن باشلاپ، بىز 14 پاختا ئاممىۋى تەكشۈرۈش ئامبىرى بىلەن ھەرىكەت ھالىتىدە ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، خېرىدارلار ئېھتىياجلىقلا بولىدىكەن، تۆمۈريول ئاۋاز قوشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كېلىشى بىلەنلا قاچىلاشقا كاپالەتلىك قىلدۇق.» قەشقەر يۈك توشۇش مەركىزى بازار بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ما جىمىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەركەز دەل جايىدا تەڭشەپ قوماندانلىق قىلىپ، پىلاننى ئىلتىماس قىلىش، ۋاگون زاكاز قىلىش، مال سېلىش، قۇرۇق ۋاگون سەپلەشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارغىچە يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇپ، 150 نەچچە ئادەم، 50تىن ئارتۇق يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسىنى مۇقىم سەپلەپ پاختا ئوراش، ۋاگونغا قاچىلاش، ھىم ئېتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارغا مەسئۇل قىلىپ، ۋاگونغا قاچىلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، يۈكنىڭ تېز قاچىلىنىپ، تېز توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.