شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئۇدا 11 كۈن كۈندىلىك يۈك قاچىلانغان ۋاگون سانى 10 مىڭدىن ئاشتى

2020-08-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

تارىخىي رېكورتنى سىجىل يېڭىلىدى

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا كۈندىلىك يۈك قاچىلانغان ۋاگون سانى ئۇدا 11 كۈن 10 مىڭدىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلاپ، كۈندىلىك ۋاگونغا يۈك قاچىلاش تارىخىي رېكورتىنى سىجىل يېڭىلىغان.

«8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 10 مىڭ 500 ۋاگونغا يۈك قاچىلاپ، تارىخىي يېڭى سەۋىيە ياراتتۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى. ئەگەر شۇ كۈنى يۈك توشۇغان 10 مىڭ 500 ۋاگون بىر - بىرىگە چېتىلسا، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 130 كىلومېتىرغا يېتىشى مۇمكىن.

تۆمۈريولدا كۈندىلىك يۈك قاچىلىنىدىغان ۋاگون سانى ھەر كۈنى يۈك قاچىلىنىدىغان ۋاگون سانىنى كۆرسىتىدۇ، ۋاگونغا كۈندىلىك يۈك قاچىلاش مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ بارومېتىرىغا ئايلاندى.

نۆۋەتتە، بازارنىڭ كۆمۈر، مېتال رۇدىسى، پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياجى سىجىل زورايماقتا. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى توشۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، كۆپ مىقدارلىق ماددىي ئەشيا تىرانسپورتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىدە كەينى - كەينىدىن يېڭى سەۋىيە يارىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

يېقىندا، شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ پاختا، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرى رايونلارغا توشۇلۇشىغا، شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرىنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارغا يەتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى پويىزلارنى كۈتۈۋالىدىغان، يولغا سالىدىغان، گۇرۇپپىلايدىغان ئەڭ چوڭ «پورت»قا ئايلاندى. «بىز دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىش، يۈك پويىزىنىڭ يۈرۈش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا مەشغۇلات ۋاقتىنى قىسقارتىشنى يولغا قويۇپ، پويىز ئۆتۈش نىسبىتىنى ئاشۇردۇق» دېدى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى يۈرۈشتۈرۈش سېخىنىڭ باش ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى بيەن جياڭ.