ئاپتونوم رايون گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2020-08-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى يۈ شۆجۈن، لى پېڭشىن قاتناشتى

8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، لى يىفېي، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تېببىي مەمۇرىيەت - تېببىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ زۇڭجيۇ، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى يۈ جىڭجىن، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لېي جېڭلۇڭ ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، تېببىي كۆزىتىش، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا قاراتمىلىقى بار پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۈ شۆجۈن ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى؛ گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، كەڭ دوختۇر - سېسترالار بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش خىزمىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇپ، «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ داۋالاپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلارنى پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن دەۋرىيلىك يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر خەلق مەركەز قىلىنغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ»نىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كەم - كوتسىز ھالدا تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە مۇداپىئەلىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەھەللە باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، بىرخىللاشقان، قېلىپلاشقان قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، دوختۇرخانىلاردا يۇقۇملىنىش يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.