دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، دەل جايىدا باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2020-08-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

لى پېڭشىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ نازارەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى

دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، دەل جايىدا باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ نازارەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرماقتا، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، «تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ھېرىپ - چارچاشتىن قورقماي، ئۇدا جەڭ قىلىپ، نۇقتىلىق ئورۇن ۋە ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىنى چىڭ كۆزلەپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، دەل جايىدا باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

لى پېڭشىن «ئۇقتۇرۇش تارقاتماسلىق، خەۋەر قىلماسلىق، دوكلات ئاڭلىماسلىق، ھەمراھ قىلماسلىق، ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە بېرىش، نەق مەيدانغا بىۋاسىتە چۆكۈش» شەكلىدە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى، دوختۇرخانىلار، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەھەللە ۋە مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە رايونغا ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ھالقا. مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش ئوبيېكتلىرى ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئەۋرىشكە ئېلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا سۈپەتنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بېسىپ قويماي، كېچىكتۈرمەي، تەكشۈرۈش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، تېببىي كۆزىتىش ۋە ساغلاملىقنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىزغىن، ئىنچىكە، ئەتراپلىق، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، قاتتىق باشقۇرۇش، ئەلا مۇلازىمەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ داۋالىنىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ ئۆلچەملىك يۈرۈشۈشىنى چىڭىتىپ، رايونغا ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنى قەتئىي توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى سەپتىكى كەڭ خىزمەتچىلەرنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.