ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.5 ئاشتى

2020-08-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرنىڭ خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىش مىقدارىنى كۆپەيتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرغان. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 961 مىليارد 240 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.5 ئاشقان.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قەرز بېرىش قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ماكرولۇق ئېھتىياتچان بولۇش، كىرېدىت يۆنىلىشى قاتارلىقلارنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قەرز پۇل بېرىشتە «ئىش داۋامىدا كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، ئىشتىن كېيىن باشقۇرۇش» مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىگىچە، 28 مىڭ پارچە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەرز پۇل ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ ماقۇللاش نىسبىتى %98.21 بولدى.

خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىدە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەت، تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىكىدىكى 117 يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا 7 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ قويۇپ بېرىپ، ھەممىسىنى پۇقراۋى ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا تارقاتتى. 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە تارقىتىلغان يېزا ئىگىلىكىنى قوللايدىغان، كىچىك كارخانىلارنى قوللايدىغان تەكرار قەرز پۇل سوممىسى 12 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.1 ئاشتى؛ بېجىرىلگەن تەكرار دىسكونت كەسپى 9 مىليارد 560 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.4 ئېشىپ، ھەممىسى كىچىك، ئۇششاق ۋە پۇقراۋى كارخانىلارغا تارقىتىلدى. 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا جەمئىي 182 مىليارد 528 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى، بۇ، تارقىتىلغان كىرېدىت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %45.43ىنى ئىگىلىدى.

خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتتى؛ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، كەلپىن ناھىيەسىنى تاللاپ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سىناق رايونى» تەسىس قىلدى؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلىدە خېرىدارغا ئېرىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، «كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بېرىلىدىغان تېز قەرز» «باج e قەرزى» «ئاممىۋى فوند قەرزى» قاتارلىق ساپ ئىناۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى يولغا قويدى؛ جۇڭجېڭ ئېلىم ھېسابىدىكى پۇل بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كارخانىلارنىڭ سۇپىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ رەنە كېپىللىكى يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 40 مىليارد 220 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.7 ئاشتى. 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قەرەلىنى ئۇزارتىش، داۋاملىق قەرز پۇل بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق 22 مىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىغا جەمئىي 29 مىليارد 746 مىليون يۈەن قەرزنىڭ دىرىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش كەسپىنى بېجىرىپ بەردى.