پۇختا ئىستىل، قاتتىق ئىنتىزام بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2020-08-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ نازارەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى

پۇختا ئىستىل، قاتتىق ئىنتىزام بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

 يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاددىيلا يولغا چىقىپ، «ئۇقتۇرۇش تارقاتماسلىق، خەۋەر قىلماسلىق، دوكلات ئاڭلىماسلىق، ھەمراھ قىلماسلىق، ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە بېرىش، نەق مەيدانغا بىۋاسىتە چۆكۈش» شەكلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۆپ قېتىم يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ نازارەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۇختا خىزمەت ئىستىلى ۋە قاتتىق خىزمەت ئىنتىزامى بىلەن، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى، دوختۇرخانا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەھەللە ۋە مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىردى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كەلدى، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە، ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەنە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسەت، تەدبىرلەر ناھايىتى ئېنىق، ئاچقۇچ پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەر، بۇيرۇق، تەلەپلەرنى كەم - كوتسىز جايىدا تەقسىملەش، جايىدا ئىجرا قىلىش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بىر قېتىمدىلا ئۈزۈل - كېسىل تاماملاپ، ھەقىقىي تۈردە ھەربىر خىزمەتنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپكىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىر ئىش ئورنىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە نۇقتىلاردا نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئىستىلنى ياخشىلاش، يەنە ياخشىلاش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت، ئىش ئورنىنىڭ ئۆزى جەڭ مەيدانى. ئۇرۇش ۋاقتى ھالىتىدە ئۇرۇش ۋاقتى ئىستىلى بولۇش كېرەك، قۇرۇق گەپكە قارشى تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدىغان، كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، ئاخىرغىچە تۇتىدىغان غەيرەت - جاسارەت بىلەن «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، يەنە چىڭىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنتىزام، ئىستىلنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشى، دەل جايىدا نازارەت قىلىشى، پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىشى كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن كىشىلەرگە قاتتىق كۆز - قۇلاق بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ئىستىلى تۇراقسىز، خىزمەتتە كۆپتۈرمىچىلىك قىلغان، يۈزەكى ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ، قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغانلارغا قارىتا، كەسكىن تۈردە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، جاۋابكارلىققا تارتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىستىل، قاتتىق ئىنتىزامنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.