ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

2020-08-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ ئىلمىي تەدبىر، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

بىرىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ھازىر يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرماقتا. پۈتۈن ئاپتونوم رايون، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرى قەتئىي ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ھېرىپ - چارچاشتىن قورقماي، ئۇدا جەڭ قىلىپ، قەتئىي ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشى، غەلىبە قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ «قاراۋۇل»لۇق ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلارنى پۈتۈن زەنجىرلىك يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى ئىلمىي، دەل جايىدا ئېلىپ بېرىش كېرەك؛ قەتئىي ھالدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆلچىمى بويىچە، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بىرخىللاشتۇرۇپ، ساقىيىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش يۈزبېرىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

ئۈچىنچى، مەھەللە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. مەھەللە دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۈچلەرنىڭ بىرىنچى سەپكە چۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى ئائىلىگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنى زىچ، پۇختا توقۇش كېرەك؛ چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئەلا مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئارزۇ - تەلەپلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئىلمىيلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايونلار ئىدارە قىلىش، تارماقلار ئىدارە قىلىش، ساھەلەر ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش، ئورۇنلار ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، قەتئىي بوشلۇق قالدۇرماسلىقى، قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىقى كېرەك.

بەشىنچى، كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشكە يەنىمۇ كۆڭۈل قويۇش كېرەك. دوختۇر - سېسترالار، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارغا چىن ھېسسىيات بىلەن كۆيۈنۈپ، ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەپ، نۆۋەتلىشىپ ئىشلەشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، روھىي بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئالتىنچى، تەمىنات كاپالىتى يەنىمۇ كۈچلۈك بولۇش كېرەك. مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى، تېببىي دورىلار، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىش، تەڭشەپ توشۇش، زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئاشلىق، ياغ، كۆكتات ۋە گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق تۈرلۈك زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەشكىللەش سالمىقىنى زورايتىپ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەشنىڭ تولۇق، باھانىڭ مۇقىم، يېمەكلىكنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يەتتىنچى، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىرىنچى سەپكە بېرىپ قوماندانلىق قىلىپ، بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلىشى، كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت بولۇپ، ئۈلگە بولۇپ، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا ئىستىلنى سىناش، ئىستىلنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك؛ ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەپ، ھۆددىگە ئېلىش - ئالاقىلىشىشكە مەسئۇل بولۇپ، ھەر بىر خىزمەتنى كونكرېت ئىش ئورنىغىچە ئايدىڭلاشتۇرۇش، كونكرېت خادىملارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە سىناققا بەرداشلىق بېرەلىگەن، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى تەقدىرلەپ، مۇكاپاتلاپ، دادىل ئىشلىتىش كېرەك؛ ئىستىلى تۇراقسىز، خىزمەتتە كۆپتۈرمىچىلىك قىلغان، يۈزەكى ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغانلارغا قارىتا كەسكىن تۈردە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئەمەلىي ئىستىل، قاتتىق ئىنتىزامنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ھەقىقىي سىڭدۈرۈش كېرەك.

سەككىزىنچى، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى يەنىمۇ ئىلمىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك.