بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك

2020-08-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايون بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك

7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش «ئاساسىي گەۋدىسى»نى پۇختا ئىگىلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش «قىزىل سىزىقى»نى ھەقىقىي ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، لېكىن يەنە كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زور خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش، زور يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش، زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى توسۇشنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي خىزمىتىنىڭ مۇھىم تۇتقىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك؛ ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مۆلچەرلەشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق باشقۇرۇش ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىم، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ساھەنى باشقۇرۇشتا جەزمەن بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، كەسىپنى باشقۇرۇشتا جەزمەن بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى باشقۇرۇشتا جەزمەن بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەر»لىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت بەنزىلىرىنىڭ باشقا ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت» تەلىپى بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن كەسپىي خىزمەتنى تەڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تەڭ يولغا قويۇپ، تەڭ تەكشۈرۈپ، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ياخشى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاڭلىق ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ھەممەيلەن مەسئۇلىيەتچان بولۇش، ھەممەيلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە، تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى يېپىق ھالقىسى ۋە كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغدىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاۋ چىڭ، ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى.