چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى
9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 9 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان 9 - تۈركۈمدە مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى!
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىندا «9 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» «9 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارار»نى ئوقۇدى. تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ، مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋەكىللىرى ھەم ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئورۇنلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.
چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، يېتەكچىلىكىدە، ئۈچ يىلدىن بۇيان، 9 - تۈركۈمدە مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 6 -، 7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىپ، شىنجاڭنى يۇرتىمىز دەپ بىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە كۈچلۈك ياردەم بېرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مول نەتىجە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلارغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى.
چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئۈچ يىلدىن بۇيان، 9 - تۈركۈمدە مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئۇلۇغ سۆيگۈ پۈتۈپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنى مەسئۇلىيەت بىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى كېزىپ، چۆل - باياۋانلاردا تەر ئاققۇزۇپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق قالتىس كىشىلىك ھايات ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ، مۇتلەق سادىق سىياسىي پەزىلىتى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان قەيسەر ئىرادىسى، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنى كۆزلەيدىغان چاكارلىق ھېسسىياتى، پۇختا، كۈچلۈك خىزمەت ئىستىلىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىيىتى جەريانىدا چېنىقىپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ دەۋر مارشىنى ياڭرىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ئايلاندى.
چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئورۇنلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايدۇ. 9 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭنى ئىككىنچى يۇرتۇم دەپ بىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دوستلۇقىنى ئۇنتۇماي، ياخشى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. 9 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ياردەمگە ئېرىشكۈچى ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.