پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2020-09-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىن يىغىنى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىن يىغىنى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەن ياخشى ھالەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان ئىدىيەدە بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. باسقۇچ خاراكتېرلىك يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تولۇق تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاپ، ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ زور تەرەققىياتى، تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 - ، 2 - ، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ ئايلىنىشى، بازارنىڭ ئايلىنىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم»نى زىچ چۆرىدەپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش؛ ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، تور ۋە تور سىرتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاھالە ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پورت ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال، تاشقى سودىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. مەركەز، ئاپتونوم رايون چىقارغان بىر قاتار سىياسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كارخانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەر دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، بازار ئىشەنچى، جەمئىيەت ئىشەنچى، كارخانا ئىشەنچىنى سىجىل كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، بەس - بەستە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ باشلامچىلىق، بۆسۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوغداش ۋە قوزغىتىش؛ بازارلىشىش، قانۇنچىللىشىش، خەلقئارالىشىشنى چىڭ كۆزلەپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارغا كىرىش بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا قوغداپ، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى كۈچنى مۇجەسسەملەپ ھۇجۇم قىلىپ يېڭىپ، كۈچ، مەبلەغ، بايلىقنى مايىللاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ياخشى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، چىن قەلب، چېن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

ئونىنچىدىن، ئىستىلنى ياخشىلاپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، كەڭ كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى سوراپ، خەلقنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سوراپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، بىرىنچى سەپكە بېرىپ مەسىلىلەرنى بايقاپ، بىرىنچى سەپتە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.