پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك

2020-09-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى «تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پەن - تېخنىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئاساسىي مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرەك بولۇش كېرەك. بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئامىللار كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كىرىش بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ماسلىشىپ تەڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ بەس - بەستە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈرلۈك سىياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق ئىگىلىك سىياسىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن ئالاھىدە سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلەر بويىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۈنۈملۈك، كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ھەم رىقابەت كۈچى، ھەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» «ئەڭ تېز بولغاندا بىر قېتىم يەتكۈزۈش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئازايتىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئادىل رىقابەتنى قوغداپ، ئامالنىڭ بارىچە تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش، پۇرسەتنى تۇتۇش، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، تەپەككۇر يولىنى كېڭەيتىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە «ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى(پارتىيە گۇرۇپپىلىرى) شۇجىلىرىنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىغا مەسئۇلىيىتىدىن دوكلات بېرىش، پاكلىق ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاراپ چىقىلدى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى.