مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2020-10-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر شيا گېڭشېڭ يېتەكچىلىكىدىكى مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش 4 - ئۆمىكى ئۈرۈمچىدە ئىلغارلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بەردى.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا، شيا گېڭشېڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 7 - قېتىملىق دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، «تۆتنى تاشلىماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تىپلارنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ياردەم بېرىش - يۆلەش سۇبيېكتلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاكتىپ كۈچنى قوزغىتىش كېرەك.

دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىدىن زى گۇيشىن، لۇڭ خۇي، ليۇ شۇاڭيەن، گو شياۋرۇڭ، دەنزېڭ چېڭلەي، يۈەن شياڭدىڭ، لېڭ جۈجېن ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى كەچۈرمىشلىرى، تىپىك تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ، نەق مەيداندىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

دوكلات بېرىش يىغىنى سىن يىغىنى شەكلىدە يېزا - بازار دەرىجىلىككىچە ئېچىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن مۇتەللىپ قاسىم، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.