شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى18 شەھەر(ناھىيە)گە مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر (ناھىيە) دەپ نام بېرىلدى

2020-10-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

تۆت ئورۇن، ئالتە كىشى ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە نەمۇنىچى شەخس بولۇپ باھالاندى

 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر(ناھىيە)لەرگە نام بېرىش ھەم ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى ئۈرۈمچى شەھىرى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى قاتارلىق 18 شەھەر (ناھىيە)گە مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر(ناھىيە) دەپ نام بېرىلدى؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئىككى ئورۇن مەملىكەت بويىچە ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ ئىككى ئورۇن مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن دېگەن نامغا ئېرىشتى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسى لەڭگەر كەنتىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىسى لاچىن بايئەكە قاتارلىق بەش كىشى مەملىكەت بويىچە ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۇەن باش ئەترىتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى قوغداش باشقارمىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى سۈن جيەنكۈن مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا ئېرىشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئارمىيە - خەلق ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش» بولغان ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ئارمىيە - خەلق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. 2018 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئاپپاراتلىرى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت مەركىزى(پونكىتى)دىن جەمئىي 7806سى تەشكىللەپ قۇرۇلدى. ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئورتاق قۇرۇش بويىچە 1000دىن ئارتۇق قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتتى، «ئالتىنى كىرگۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى قاپلىغان ئىككىنى ھىمايە قىلىش تورىنى شەكىللەندۈردى. 2019 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى 43 ئۈلگىلىك شەھەر(ناھىيە)، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى 72 ئۈلگىلىك ئورۇن، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى 70 نەمۇنىچى شەخسكە نام بەردى ۋە ئۇلارنى تەقدىرلىدى.