پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش پائالىيىتى (قەشقەر بېكىتى)دە 417 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالاندى

2020-10-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، 2020 پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش پائالىيىتى (قەشقەر بېكىتى) ئۆتكۈزۈلدى. تيەنجىن، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 60 نەچچە چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى، زەنجىرسىمان تاللا بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىكى 100دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كارخانىسى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇردى، ئەڭ ئاخىرىدا 417 مىليون يۈەنلىك مۇددىئالىق سېتىۋېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى.

مۇخبىر پائالىيەت نەق مەيدانىدا قەشقەرنىڭ ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمە ئورنىدىن 12سى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنىدىن 54ى تەسىس قىلىنغانلىقىنى، داڭلىق، ئەلا، خاس ھۆل، قۇرۇق مېۋىلەر ھەم پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار، سۈت مەھسۇلاتلىرى، گۆش مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 خىلدىن ئارتۇق خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆرگەزمە قىلىنغانلىقىنى كۆردى.

مارالبېشى ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ دامولۈيجوۋ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسىپ دىرېكتورى پەن جياڭۋېي مۇنداق دېدى: «بىز لوپنۇر كەندىرى چېيى، مارالبېشى موگۇسى، مارالبېشى كاۋىپى قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ كەلدۇق، بۇ سۇپا ئارقىلىق مارالبېشىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز».

شەنشى مېۋىچىلىك سودا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 4500 توننا ئالمىسى، 1500 توننا ياڭاق ۋە چىلىنىنى سېتىۋالدى. بۇ شىركەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا مەسئۇلى جيا بوفېڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇدا بەش يىل قەشقەردە يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدۇق، كېيىنكى مەزگىلدە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىمىز».

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئوبوروت كەسپى تەرەققىيات مەھكىمىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن، جۇڭگو كۆكتات ئوبوروت جەمئىيىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە بىرلىكتە ئۈستىگە ئالغان.