ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ تېببىي داشۆسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2020-10-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2020 - يىللىق ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ تېببىي داشۆسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن، جىلىن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ جىيىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، لى پېڭشىن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەھۋالى ۋە مائارىپ خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جىلىن داشۆ، جۇڭنەن داشۆ، بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسى قاتارلىق ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن شىنجاڭ تېببىي داشۆسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەنلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئومۇمىي مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچلۈك ئۆستۈردى. ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، دىققەتنى ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەقلىي جەھەتتە قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېببىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ - داۋالاش ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈنۈم ئېففېكتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلىشى كېرەك.

جياڭ جىيىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما. جىلىن داشۆ شىنجاڭ تېببىي داشۆسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەلا كادىرلارنى تاللاپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى؛ دىققەتنى پەنلەر تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى؛ ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بىرلىشىپ تەربىيەلەشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتتى؛ بايلىق ئەۋزەللىكىنى بىرىكتۈرۈپ، خەلقئارا ئاقىللار ئامبىرىنى ئورتاق قۇردى؛ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 6 - دوختۇرخانىغا دەل جايىدا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىگە كۈچ چىقاردى. بۇنىڭدىن كېيىن، جىلىن داشۆ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، خىزمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ پەنلەر قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى سەۋىيەسى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتى، ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى، داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

يىغىندا، جۇڭنەن داشۆ قاتارلىق نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي يىغىنغا قاتناشتى.