پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى

2020-10-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كېڭەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن «ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى تۈرتكۈچ»لۈك رولىنى جارى قىلدۇردى. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا A پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت 58گە يېتىپ، «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرى بولغان 2015 - يىلىدىكىدىن 15ى كۆپىيىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارى غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكى، ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى، يېڭى ئۈچ بۆلەك قاتارلىق كاپىتال بازىرى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى؛ پېيى بازارغا سېلىنغان زاپاس كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، پېيى بازارغا سېلىنىدىغان زاپاس كارخانا بايلىق ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن كارخانىلارنى سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەش، پاي تۈزۈمى بويىچە ئۆزگەرتىش، يېتەكچىلىك قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقتىلىق يېتىشتۈردى.

بۇ يىل 6 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىدا ۋىۋىسكا ئېسىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش، يېتىشتۈرۈش - يېتىلدۈرۈش، خۇسۇسىي تارقىتىشنى مەملىكەت خاراكتېرلىك بازاردا ئاشكارا تارقىتىشقا ئۆتۈنۈپ بېرىش، پېيىنى بازارغا سېلىپ سودا قىلىشنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنى كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىدىن پايدىلىنىپ ئەلالىشىش ۋە كۈچىيىشكە يېتەكلىدى.

تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ كاپىتال بازىرىدىن پايدىلىنىش ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە تېزلىشىش ھالىتى كۆرۈلگەندىن باشقا، تېخىمۇ كۆپ كارخانا شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە ياكى يېڭى ئۈچ بۆلەكتە ۋىۋىسكا ئېسىشنى تاللىدى. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 65 كارخانا يېڭى ئۈچ بۆلەكتە ۋىۋىسكا ئاستى، 845 شىركەت شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە ۋىۋىسكا ئاستى.

2016 - يىلىدىن 2020 - يىلى 8 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز كاپىتال بازىرى ئارقىلىق جەمئىي 281 مىليارد 53 مىليون يۈەن بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.