يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك

2020-10-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك

 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنى مارالبېشىدا ئېچىلدى. يىغىندا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى (يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش)، يەرنىڭ مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارىتى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرى يەكۈنلىنىپ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەر قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەر پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تىرەكلىك رولى جارى قىلدۇرۇلدى. قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى (يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش)نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. يەر ئوبوروتى ۋە كۆلەملىك تىجارەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.