خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

2020-10-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، خۇنەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى لى ۋېيۋېي خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خۇنەن ئۆلكىسى - شىنجاڭ ھەم بىڭتۇەننىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باشتىن - ئاخىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئۆز دائىرىسىدىكى ئىش، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، تۈر قاتارلىق تۈرلۈك كۈچ ۋە بايلىقلارنى توپلاپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە زورايتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خۇنەننىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، خۇنەن ئۆلكىسى بىلەن بولغان ئۇدۇللىشىش، ئالاقىلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى ۋېيۋېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەپتۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىشقا پۇختا ئاساس سېلىنىپتۇ. بىز ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ۋە خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىپ، «جاپاغا چىداش، بار ئىشتىياقى بىلەن ئىشلەش، مۇقىم بارگاھ قۇرۇش، قاتتىق جەڭ قىلىش» روھى بىلەن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىشىمىز كېرەك؛ ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پەزىلىتىمىز ۋە پارتىيەۋىلىكىمىزنى ياخشى تاۋلاپ، خۇنەندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشىمىز كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنىڭ يېتەكلەش خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ قان ئىشلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىمىز كېرەك.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى، پىچان ناھىيەسى، توقسۇن ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 12 - شىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شەھەر، بازار، يېزا، كەنت، كەسىپلەر باغچە رايونى، مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرى، مەكتەپ قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

خۇنەن، ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن شيې ۋېيجياڭ، جاۋ چۇڭجيۇ، مەڭلىك سىيىت، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياۋ شىنمىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.