3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2020-10-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن باۋشېڭ شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى پېڭشىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى

 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر چېن باۋشېڭ شىنجاڭغا كېلىپ مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشى، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، چېن باۋشېڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپ ئوقۇتۇشى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

چېن باۋشېڭ سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، سىياسىي ئېكولوگىيە بىردىنلا ساپلاشتى، روھىي ھالەت بىردىنلا جانلاندى، مائارىپ قىياپىتى بىردىنلا يېڭىلاندى، تەرەققىيات پىكىر يولى بىردىنلا ئۆزگەردى، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدى، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتى، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، كادىرلار، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

چېن باۋشېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك: بىرىنچى، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مائارىپنى باشقۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە مۇلازىمەت قىلىش، بويسۇنۇش كېرەك. ئىككىنچى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوقۇغۇچىلار قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. ئۈچىنچى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپ ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى نېگىزلىك، ئۇللۇق خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇش كېرەك. تۆتىنچى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى مائارىپ ئىشلىرىنى پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بەشىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئادىل، سۈپەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە تىرەك بولىدىغان مائارىپ سىستېمىسى ئورنىتىش كېرەك. ئالتىنچى، ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى قوغداپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم - كوتسىز ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ تۈزىمىز. قىلچە بوشاشماي پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بازىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى ساقلاپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىمىز.

مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر سۇن ياۋ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاۋ چىڭ، سۇن خۇڭمېي ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.