ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى

2020-10-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى جەمئىي 76 مىليارد 375 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63 ئېشىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ يىل 7 - ئايدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى ئۇدا ئۈچ ئاي 10 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى، 3 - پەسىلدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 32 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %77.7 ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى رېكورتنى ياراتتى. 9 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى 10 مىليارد 257 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، يىللىق پىلاندىكىدىن 1 مىليارد 866 مىليون كىلوۋات سائەت كۆپ يەتكۈزۈلۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %96.31 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى ياراتتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 21 مىليارد 808 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇ يىل سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ %28.55ىنى ئىگىلىدى.

7 - ئايدا، شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ توك يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى 6 مىليون كىلوۋاتتىن 8 مىليون كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈلدى. بۇ سىرتقا يەتكۈزۈش يولى ئۇدا ئۈچ ئاي يۇقىرى پەللىدە ئايلاندى، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى.

9 - ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېلېكتىر تورى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ئاساسلىق توك سېتىۋالىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش يۈكى تېز تۆۋەنلىدى، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى زور دەرىجىدە تارىيىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش يولى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، قىسقا مەزگىللىك ۋاقىتلىق سودا پۇرسىتىنى تۇتۇپ، خۇادۇڭ، خۇاجۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى نۇقتىلىق توك سېتىۋالىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ توك سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنى بازارلاشتۇرۇش سودىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى كۆلىمىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى.

ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولغان يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش تەدبىرىنى يولغا قويۇشمۇ سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان توك مىقدارىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى «غەربىي شىمال توك مىقدارى ئامبىرى»دا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە نەق مال سودىسى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارىنى سىجىل ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارىنى سىرتقا يەتكۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنى ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزىدىغان تۆت يولنى قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.