خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

2020-10-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن چۈەنگو، ۋاڭ دۇڭفېڭ، شۈ چىن، يې دۇڭسۇڭ، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ دۇڭفېڭ، خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى شۈ چىن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، خېبېي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يې دۇڭسۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى، كورلا شەھىرى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 2 - شىسىنىڭ باشئەگىم شەھىرىگە بېرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى زىيارەت قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىسى − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى كورلا شەھىرىدە ئېچىلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېبېي خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادتا كۈچلۈك ئۆلكە، گۈزەل خېبېي قۇرۇشتا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، تۈر قاتارلىق تۈرلۈك كۈچ ۋە بايلىقلارنى توپلاپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە زورايتىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى بىلەن بىڭتۇەن 2 - شىسىنىڭ ئىناق - مۇقىملىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خېبېينىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، خېبېي خەلقىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمى، نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدۇ.

ۋاڭ دۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەردە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز شىنجاڭنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرى، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، خېبېينىڭ خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلاپ، پايتەخت سىياسىيسىدىكى «سېپىل خەندىكى»لىك رولىمىزنى قەتئىي ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

ۋاڭ دۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: خېبېي بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى جايدىكى خەلق باشتىن - ئاخىر قەلبداش. بىز بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشنى يېڭى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە خېبېي - شىنجاڭ ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشىمىز. بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز. دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەيمىز. خېبېي - شىنجاڭ رايون ماس تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، رايون ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى، كەسىپ ھەمكارلىقى، مەدەنىيەت - ساياھەت ھەمكارلىقى، ئىختىساسلىقلار ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن خېبېينىڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز.

سۆھبەت يىغىنىدا، شۈ چىن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، شۆھرەت زاكىر ۋە بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەن پېڭ جيارۇي ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ئىككى جاي نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن شىڭ گوخۇي، گاۋ جىلى، ليەن يىمىن، جاڭ گۇجياڭ، فەن جاۋبىڭ، شيا يەنجۈن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى يىفېي، سارقىت ئاقان، چېڭ جېنشەن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.