شاڭخەي شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

2020-10-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

10 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى گۇڭ جېڭ شاڭخەي شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن سۆھبەت يىغىنى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كەچتە، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى يەكەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، چىن مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ياردەم بەردى، خىزمەت تەپەككۇرى ئېنىق، سىياسەت، تەدبىرلىرى ئەمەلىي، ئالغا سىلجىتىش سالمىقى زور، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىكنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

گۇڭ جېڭ سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز. دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش - يۆلەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. دىققەتنى خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان رايونلارنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىمىز. دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. دىققەتنى شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ ئالاقىلىشىش، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، بىرلىكتە ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز. شاڭخەيدىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، شاڭخەي شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى، يەكەن ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى قاتارلىق جايلىرىغا بېرىپ، كارخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپ، يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى زىيارەت قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، شاڭخەي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى پېڭ چېنلېي يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.