2020 «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتى يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى

2020-10-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن 2020 «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتى يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى. يىغىندا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى پۇقراۋى كارخانىلار نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كۈچ قوشۇشقا تەشكىللەندى، سەپەرۋەر قىلىندى.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن رەئىس شۈ لېجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ پائال ئەمەلىيىتى، يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، شۇنداقلا يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ پۇقراۋى كارخانىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك؛ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم قىلىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى مەنپەئەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك.

گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ليۇ يۇڭفۇ يىغىندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۇقراۋى كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» جەنۇبىي شىنجاڭدا پەيدىنپەي يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قوشۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. كەسىپلەرنى يۆتكەش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» ھەم جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىدى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشتى، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، بىر چالمىدا نەچچە پاختەك سوقتى، ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سىجىل تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى. ئاپتونوم رايون 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ بۇ مۇھىم ئاساسىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ ۋە قوزغاپ، سودىغا مايىل، سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىدىغان، سودىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان مۇھىت يارىتىپ، شىنجاڭنى مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ھەم ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شيې جىڭرۇڭ، جۈرئەت ئىمىن، جاڭ بو يىغىنغا قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 106 تۈر كېلىشىمى ئىمزالاندى، ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 33 مىليارد 941 مىليون يۈەن بولدى. كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش رولى كۆرۈنەرلىك كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار تۈرى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك تۈرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش تۈرى قاتارلىق تۈرلەرگە چېتىلىدۇ.