سۇغۇرتا كەسپىنىڭ كاپالەت سەۋىيەسى يىلمۇيىل ئۆستى

2020-10-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. 2019 - يىلى، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى ئىقتىساد، جەمئىيەتنى 32 تىرىليون 950 مىليارد يۈەن خەۋپ - خەتەر كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، 2016 - يىلىدىكىدىن %159.6 ئاشتى؛ جەمئىي تۆلەم چىقىمى 23 مىليارد 758 مىليون يۈەن بولۇپ، 2016 - يىلىدىكىدىن %53.3 ئاشتى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. سودا ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، 2019 - يىلى، سودا ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سۇغۇرتا ھەققى تەخمىنەن 2685.83 يۈەن بولۇپ، 2017 - يىلىدىكىدىن 503.13 يۈەن تۆۋەنلىدى؛ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «باھا سۇغۇرتىسى+قەرەللىك مال»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى؛ كۆپ خىل شەكىلدىكى سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ھەمدە كارخانا (كەسىپ) يىللىق پۇل پىلانى قاتارلىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى مۇھىم، ئېغىر خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى 67مىليون 698مىڭ 500 مو زىرائەتنى سۇغۇرتىلاپ، 7مىليون 739مىڭ 200 تۇياق چارۋىنى سۇغۇرتىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئۈنۈملۈك كۈچ قوشتى؛ يېشىل پۇل مۇئامىلە سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال قوللاپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە نۇقتىلىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈشكە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.

2019 - يىلى، شىنجاڭ سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى «بەش چوڭ مەركەز» «ئۈچ بازا، ئۈچ يول» قۇرۇلۇشى تۈرىدىن جەمئىي 2452نى قوللاپ، جەمئىي 1123 كارخانا (قېتىم)غا 141 مىليون يۈەن تۆلەم بەردى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، تۇنجى (يۈرۈش) مۇھىم، زور تېخنىكىلىق جابدۇق سۇغۇرتىسى تۆلەم تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى يەنە سۇغۇرتا مەبلىغىنىڭ شىنجاڭغا سېلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قاتناش، ئېنېرگىيە، شەھەر مەمۇرىيىتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچلۈك قوللىدى.