ئاپتونوم رايوننىڭ «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ ئالدى

2020-11-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن چۈەنگو دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ئاپتونوم رايوننىڭ «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ ئالدى

لى پېڭشىن قاتناشتى

 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلاردىن ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ ئېلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئەسقەت كەرىمباي، چېن دېمىن، جاڭ گولياڭ، رىزۋان ئەبەي، لۈ گاڭ، يەن فېنشىن، لى شياڭلىن، گو يۇڭخۇي، مەمەتجان ئەمەت قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ تونۇشى، تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قاراتمىلىققا ئىگە پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق تۈرلۈك ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق بەش يىل. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا ئەقىل - چارە كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە تولۇق قوبۇل قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار ئوتتۇرىغا قويغان قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئويى، ئارزۇسىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.