مەركىزىي شەھەرنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

2020-11-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايون رەھبىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

مەركىزىي شەھەرنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

شۈ خەيرۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، پايدىلىق شارائىتى ۋە مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك؛ 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان ۋە «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، مۇھىم نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن، شۈ خەيرۇڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئالىملار، مەھەللە كادىرلىرى، ياش ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى. شۈ خەيرۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلىپ، «ئۈچ چوڭ ئىش»نى ياخشى تۇتۇپ، ئىناق - مۇقىم، ئەلا ھەم كۈچلۈك، مىللەتلەر يۇغۇرۇلغان، دىنلار ئىناق، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە، پاكىز - گۈزەل مەركىزىي شەھەر بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە، مەركىزىي شەھەرنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.