ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى

2020-11-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلىغان.

ئالدىنقى ئون ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە جەمئىي 36 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، پۈتۈن يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ %92تىن كۆپرەكى ئورۇندالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتاي شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى ئىسسىقلىق مەنبەسى نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش (توكلۇق پار قازان) ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۈرى، غۇلجا شەھىرى چېگرا ھەمكارلىق رايونى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق ئىككى نۇقتىلىق شەھەر مەمۇرىيىتى تۈرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا 74 مىڭ 514 ئائىلىلىكنىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، تاماملىنىش نىسبىتى %99.35كە يەتتى.

نۆۋەتتە، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ قەرز پۇلى بويىچە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەھەر - يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تۈرى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق ئون تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى تاماملىنىپ، يېڭى قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.