ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ ئالتايدىن كۆكتوقايغىچە بولغان بۆلىكىدە قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى

2020-12-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى


12-ئاينىڭ 6-كۈنى، 8/Y935 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ كۆكتوقاي ۋوگزالىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ ئالتايدىن كۆكتوقايغىچە بولغان بۆلىكىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى)

 12-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 8دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇزاققا سوزۇلغان گۈدۈك ئاۋازىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، 8/Y935 قېتىملىق ساياھەت پويىزى ئاستا قوزغىلىپ ئالتاي ۋوگزالىدىن كۆكتوقايغا قاراپ ماڭدى، ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ ئالتايدىن كۆكتوقايغىچە بولغان بۆلىكىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدىكى تۇنجى ھالقىسىمان تۆمۈريول تورى − شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى.

ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىدىغان شىمالىي يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىنىڭ بىرى بولۇپ، يۈك تىرانسپورتىنى ئاساس، يولۇچىلار تىرانسپورتىنى قوشۇمچە قىلغان رايون غول لىنىيەسى. لىنىيە ئالتاي شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنى بويلاپ كۆكتوقاي ناھىيەسىگە تۇتىشىدۇ، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ جىمىسار ناھىيەسىگە بېرىپ، شەرقىي جۇڭغار شىمالىي ۋوگزالىدا ئۈرۈمچىنىڭ شىمالى-جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىغا تۇتىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 419 كىلومېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە كۆكتوقايدىن شەرقىي جۇڭغارنىڭ شىمالىغىچە بولغان بۆلەك 2019- يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ قېتىم قاتناش باشلانغان ئالتايدىن كۆكتوقايغىچە بولغان بۆلەكنىڭ لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 148 كىلومېتىر.

شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈريولى، كۈيتۈن-بېيتۈن تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى-جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى، ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدىن ئورتاق تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۈرۈمچى، كۈيتۈن، قاراماي، بېيتۈن، ئالتاي، كۆكتوقاي، شەرقىي جۇڭغار قاتارلىق جايلارنى تۇتاشتۇرۇپ، «口» خېتى شەكىللىك تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈر يولىنىڭ ئالتاي-كۆكتوقاي بۆلىكى قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۆمۈريول تارماقلىرى بىر جۈپ يولۇچىلار پويىزىنى قاتناشقا ئورۇنلاشتۇرغان، ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى جۈپ يۈك پويىزىنى قاتناشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى بويىدا مېتال رۇدا، كۆمۈر، نېفىت قاتارلىق بايلىقلار مول بولۇپ، قاناس، ئۇلۇڭگۇر كۆلى، كۆكتوقاي، ۋۇسەيچېڭ قاتارلىق نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى بار. جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قومۇل تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەن مۇنداق بىلدۈردى: ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ ئالتاي-كۆكتوقاي بۆلىكى قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تورى قۇرۇلمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا زور قولايلىق يارىتىلدى، بۇ، لىنىيە بويىدىكى قېزىلما بايلىقلار ۋە ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.