ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى (2021-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى)

2021-01-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ

ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى

(2021-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى)

100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، يامان ئەلپازدا كەلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ كېسەلگە قارشى كۈرەش قىلىش تارىخىدا يەنە بىر باتۇرانە ئۇلۇغ ئىشنى ياراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈشى، بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، «ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، كەسپىي ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئامما ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، قىلچە بوشاشماي سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دائىملىق ياخشى تۇتۇپ، قىسمەن رايونلاردىكى يۇقۇمنى يوقىتىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ روھى، شىنجاڭ كۈچى، شىنجاڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، جىددىي سەپەرۋەر قىلىپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى؛ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئۇلارنىڭ باتۇرانە ئىپادىسى ۋە ئالىيجاناب روھى پارتىيەمىزنىڭ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى روشەن، ئېنىق جاكارلاپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك قىممەت ئىنتىلىشىنى جانلىق نامايان قىلدى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان سىياسىي پەزىلىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سادىق، قەتئىي بولۇش، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلىشتەك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا بارلىققا كەلگەن مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شۈ مىن قاتارلىق 196 كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىشنى، لياڭ چاۋ قاتارلىق ئۈچ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىشنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتى قاتارلىق 150 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى. تەقدىرلەنگەن پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شان-شەرەپنى قەدىرلەپ، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، باشتىن-ئاخىر نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش غەلىبىسىنىڭ يېڭى نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ۋەزىپە مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت ئېغىر، زور. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10-، 11-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەقدىرلەنگەن ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى قەتئىي ئىشەنچكە ئايلاندۇرۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، خەلق قەلبىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.