بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا 6 مىليون 210 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشتى

2021-01-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا 7 مىليارد 773 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان، بۇنىڭدىن 6 مىليون 216 مىڭ 900 ئادەم قېتىم ئوقۇغۇچى نەپكە ئېرىشكەن.

بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەركىزى مەبلەغنى ئالدىن ئاجرىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تولۇق قاپلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىقتىسادىي ياردەم سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردەم تۈرى ۋە مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىش» كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قويمىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 2465 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپكە كىرىش، رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى «يېشىل يول» ئارقىلىق بېجىرىپ، 8 مىليون 900 مىڭ يۈەن ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە «كەچۈرۈم قىلىش، مۇكاپاتلاش، ياردەم بېرىش، قەرز بېرىش، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش»تىن ئىبارەت كۆپ بىر گەۋدە قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسى شەكىللىنىپ، مائارىپ باسقۇچىنى تولۇق قاپلاش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى، پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنى تولۇق قاپلاش، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاپلاشتىن ئىبارەت «ئۈچنى تولۇق قاپلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «تۆتنى توختاتماسلىق» تەلىپى بويىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن قاتارلىق ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، داۋاملىق مۇناسىپ ئىقتىسادىي ياردەم سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.