قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن تۇنجى ئايدا يۈك تىرانسپورت مىقدارى 2 مىليون 340 مىڭ توننىدىن ئاشتى

2021-01-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ لىنىيە بويىدىكى بايلىقلارنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك بولدى

قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن تۇنجى ئايدا يۈك تىرانسپورت مىقدارى 2 مىليون 340 مىڭ توننىدىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلۇ فېڭباۋخەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە، ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگىنىگە بىر ئاي بولغان، يۈك توشۇش مىقدارى 2 مىليون 341 مىڭ توننىغا يېتىپ، لىنىيە بويىدىكى بايلىقلارنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك بولغان.

«ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارى جىددىي بولۇش ئەھۋالى پەسەيتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئايلانما لىنىيەسىنى بويلاپ ئىككى يۆنىلىشتىن كۆكتوقايغا قۇرۇق ۋاگون سەپلىنىپ، شۇ جاينىڭ كان بايلىقىنى سىرتقا توشۇشنى يېتەرلىك تىرانسپورت كۈچى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كۆكتوقاينىڭ مېتال قېزىلما بايلىقلىرى ئالتاي ئارقىلىق شىخەنزە، ئۈرۈمچى، قومۇل قاتارلىق جايلارغا توشۇلىدىغان بولدى، ئۈرۈمچى - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنى ئايلىنىپ مېڭىش ھاجەتسىز بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزۈل - كېسىل قويۇپ بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

تىرانسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كۆكتوقاي ۋوگزالىنىڭ يۈك مەيدانىغا قارىتا ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش - ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، بېكەت - نۇقتىلارنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

«بىز مەشغۇلات ۋاقتىنى پائال قىسقارتىپ، مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. ھازىر كۆكتوقاي ۋوگزالىدا كۈندە قاتنايدىغان پويىز ئۈچتىن تۆتكە كۆپەيدى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى يۈك تىرانسپورت مەركىزى شەرقىي جۇڭغار تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى چاڭ كۇن.

«ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ، كۆكتوقاي - ئالتاي - بېيتۈن - كۈيتۈن - قومۇل مەھسۇلات تىرانسپورتى يېڭى يولى بەرپا قىلىنىپ، ئۈرۈمچى - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدىكى بوغما ھالەت بۇزۇپ تاشلىنىپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشىنى قولايلىق يول بىلەن تەمىنلىدى» دېدى شىنجاڭ مىڭخې مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جوۋ يەنخەي.

2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى، كۈيتۈن - بېيتۈن تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى بىلەن شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ئايلانما لىنىيەسىنى ھاسىل قىلىپ، ئۈرۈمچى، كۈيتۈن، قاراماي، بېيتۈن، ئالتاي، كۆكتوقاي، شەرقىي جۇڭغار قاتارلىق جايلارنى تۇتاشتۇرۇپ، «口» خېتى شەكىللىك تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈردى.