ئۈرۈمچى تاموژنىسى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى «سېكۇنتتا تەستىقلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى

2021-01-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەلۇم تاشقى سودا كارخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى كومپيۇتېردا خەلقئارا سودا يەككە كۆزنىكى ئارقىلىق ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىلتىماسىنى يوللاپ، ناھايىتى تېزلا «تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، گۇۋاھنامە ئېلىشقا بولىدۇ» دېگەن ئۇچۇر تالونىنى تاپشۇرۇۋالغان ھەم ئۆزى بېسىپ چىقىرىپ، بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى ئالغان.

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، تاموژنا باش مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇردى. كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى تاموژنا خادىملىرى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئەھۋالى ئۆزگەرتىلدى. ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىش» − تەستىق خەۋپ-خەتىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ئاساسىدا، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى تولدۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش تەلىپىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىش قائىدىسىگە ئايلاندۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش پارامېتىرىنى تۈزۈپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار»نى «ئادەم مېڭىسى»نىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، 16 تۈردىكى ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىگە 24×7 سائەت پۈتۈن ھاۋارايىلىق «سېكۇنتتا ئىمزا قويالايدىغان» بولدى، بۇ، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى «سېكۇنتتا تەستىقلاش»نىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«بىزنىڭ كارخانا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسى مەھسۇلاتىمىزنى ئېكسپورت قىلىشىمىزدىكى مۇھىم ئىسپات. بۇلتۇر 5-ئايدا، تاموژنا ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى ئۆزى بېسىپ چىقىرىشنى يولغا قويدى، بىز تاموژنا ئىش بېجىرىش كۆزنىكىگە بېرىپ گۇۋاھنامە ئالمىساقمۇ بولىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن 12-ئايغا كەلگەندە، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش جەريانى يەنىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلۇپ، گۇۋاھنامىغا سېكۇنتتا ئىمزا قويۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئىبارەت بۇ تۈردىلا بىر يېرىم كۈنلۈك ئىش بېجىرىش ۋاقتىمىز تېجىلىپ قالىدۇ» دېدى شىنجاڭدىكى مەلۇم شوخلا پىششىقلاش كارخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى.

تاموژنا ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىش يولغا قويۇلغان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاموژنىسى «سېكۇنتتا تەستىقلاش» ئارقىلىق 500گە يېقىن ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى تەستىقلىدى. ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنا بېجى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى قەيسەر تۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي ۋىزا ئەندىزىسىدىكى مۇھىم، زور ئىسلاھات، ئومۇمەن ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى ئۆلچەملىك، توغرا مەلۇم قىلغان 16 خىل كارخانىنىڭ گۇۋاھنامىنى خالىغان ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرتۈش، تېزلا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسى ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ۋە باشقا ئېتىبار تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولۇشىدىكى مۇھىم ئىسپات، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي «پاسپورتى»، شۇنداقلا خەلقئارا بازارنى ئاچىدىغان «ئالتۇن ئاچقۇچ». 2020-يىلى ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىدىن جەمئىي 7017 پارچىنى ئىمزا قويۇپ تارقاتتى، ۋىزا سوممىسى 3 مىليارد 738 مىليون يۈەن بولدى، ئېكسپورت كارخانىلىرىغا ئېتىبار بېرىلگەن تاموژنا بېجى سوممىسى تەخمىنەن 100 مىليون يۈەن بولدى.