ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2021-01-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇق بەردى

ۋاڭ جۈنجېڭ سۆز قىلدى

ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىسۈي يۈنيەنخەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەركەز سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2021-يىللىق سىياسىي قانۇن خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇق بەردى، ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن سېپىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2021-يىلى «14-بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلىپى بويىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك ئومۇمىي تەلىپىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىستېما قارىشى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، ئاساسنى كۈچەيتىش يۆنىلىشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي قانۇن ساھەسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان، خاتىرجەم بولىدىغان سىياسىي قانۇن پولات قوشۇنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى خىزمەتلەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە سىياسىي قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئارقىلىق سىياسىي قانۇن خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك؛ قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قانۇن ساھەسى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ قېلىپلىشىش، تۈزۈملىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان شىنجاڭ سىياسىي قانۇن پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئاچقۇچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان مۇنەۋۋەر تىنچ-ئامان ۋىلايەت (ئوبلاست)، مۇنەۋۋەر تىنچ-ئامان ناھىيە (شەھەر، رايون)، تىنچ-ئامان ناھىيە ۋە مۇنەۋۋەر تىنچ-ئامان يېزا-بازار (كوچا)، ئاپتونوم رايون بويىچە «قوش بىرلەشمە ئائىلە» خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر، ئاپتونوم رايون بويىچە خەلققە قولاي مۇلازىمەت خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر قاتارلىقلار تەقدىرلەندى.

يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگىچە ئېچىلدى. قادىلبېك قامزا، چېن مىڭگو، ياڭ يۇڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، ما گوۋېي، باھارگۈل سەمەت، پۇ شىيۈ، لى يۇڭجۈن، چېن ليەنبىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.