پولاتتەك ئىرادە، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك تەدبىر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021-01-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى

پولاتتەك ئىرادە، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك تەدبىر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىيۈەن لېيخەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت خۇلاسىلىنىپ، تەھلىل قىلىنىپ، بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ھازىرقى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش» ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كاللىنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى قەتئىي ئېتىپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى ئەڭ قاتتىق تەلەپ بويىچە ئادا قىلىپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن قىزىل سىزىقنى چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرى بويىچە، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇ يىللىق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاپەت خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇنىۋېرسال كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلە، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈزەش ئۆتكىلىگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توسۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. «پۈتۈن ئاپەت تۈرى، زور جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش» تىپنى ئۆزگەرتىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئەلالاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھادىسە، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، تەشۋىق-تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت ئورتاق تۈزەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر دەل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ساھەنى باشقۇرۇشتا جەزمەن بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، كەسىپنى باشقۇرۇشتا جەزمەن بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى باشقۇرۇشتا جەزمەن بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش» تەلىپىگە توغرىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پولاتتەك ئىرادە، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك تەدبىر ئارقىلىق خەۋپ-خەتەرنى قاتتىق باشقۇرۇپ، قاتتىق كونترول قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، قاتتىق تۈزەپ، قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، تۈرلۈك ھادىسە، ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ «ئاساسىي گەۋدە»سىنى قەتئىي مۇقىم ساقلاپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى پۇختا بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2020-يىللىق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.